باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى بىلەن VISA شىركىتى بىرلىشىپ يەر شارى سۇپىسى قۇردى

2016.02.26 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى بىلەن VISA شىركىتى شاڭخەيدا ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ، چىقىم قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەرلىك ۋە پۇل مۇئامىلە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

  ئەسلەتمىگە ئاساسەن، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى بانكا ئاپپاراتى يەر شارى سۇپىسى قۇرماقچى. جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى بىلەنVISA شىركىتى ئىككى تەرەپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، ئېچىۋىتىلگەن كارتا بازار مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار، تىجارەتچىلەر، بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتناشقۇرچى تەرەپ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ چىقىم قىلىش بىخەتەرلىكى، چىقىم قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇل مۇئامىلىدە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ مۇھىم ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

  ھازىر، دۇنيا بانكا كارتا تارقىتىش مىقدارى 5 مىلياردتىن ئاشتى، بانكا بىرلەشمىسى تورى جۇڭگونىڭ شەھەر، يېزىلىرىغا قاپلىغاندىن سىرت ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئوكيانىيە، ئافرىقا قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغىچە تەرەققىي قىلدى، دۇنيا بويىچە بانكا بىرلەشمىسى كارتىسىنى ئالاھىدە زاكاز قىلغان تىجارەتچىلەر 34 مىليونغا يەتتى، تورلاشتۇرۇش ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى2 مىليوندىن ئاشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر