باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ مۇساپىرلار سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭايتتى

2016.02.26 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى 25-فېۋرال مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە يېڭى بىر يۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش، ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇساپىرلار سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭايتتى.

  يېڭى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، «بىخەتەر جايلاردىن كەلگەن» ۋە سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى جەھەتتە ساختىلىق قىلغان مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، گېرمانىيەدە بىر قانچە «ئالاھىدە تىزىملاش مەركىزى» تەسىس قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىق جەريان ئۈچ ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، ئىلتىماسى رەت قىلىنغۇ چىلار بىۋاستە دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان سىرتتىن كەلگەن قىسمەن كىشىلەر گېرمانىيەدە رەسمىي پاناھلىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى، بىراق يۇرتىدا ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش سەۋەبلىك قايتۇرۇۋېتىلمىدى، بەلكى گېرمانىيەدە «چەكلىك پاناھلىق»تىن بەھرىمەن بولماقتا. يېڭى قانۇن لايىھەسىدە بۇ توپتىكى ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشىغا قارىتا چەكلىمە قويۇلدى، بۇنداق ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئىككى يىل ئىچىدە گېرمانىيەگە كېلىپ جەم بولۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر