- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا بازارلىق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرىكى ماناستا ئۆتكۈزۈلدى
2016.02.29 13:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايوندىكى يېزا بازارلىق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولغان ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرىدا 26 – فېۋرالدىن 27 – فېۋرالغىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى قېتىم پارتىيە قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالمىشىش ئىشخانىسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، شۇنداقلا نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدىكى 60 تايانچ كادىرنى نەق مەيداندا پۈتۈن جەرياننى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، تەشكىللەش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى يېزا – بازارلىق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
لوتۇيى بازىرىدا 12 مىڭ 300 كىشى، 558 پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، بازاردىكى 16 سايلام ئورنى سايلاپ چىققان 70 پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ج ك پ لوتۇيى بازارلىق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، ج ك پ لوتۇيى بازارلىق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ماناس ناھىيەسىنىڭ 12 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى ھەم ئالاقىدار قارار ئوڭۇشلۇق ماقۇللاندى. ۋەكىللەر يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا، ناھىيەدە ئالدىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى كۆزلەپ، پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، يىغىنغا 11 تەكلىپ سۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش قاتارلىق بەش تەكلىپ يىغىننىڭ رەسمىي تەكلىپى قىلىپ بېكىتىلدى.
بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ماناس ناھىيەسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش ئىشخانىسى لوتۇيى بازىرىغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە قۇرۇلتىيى نەق مەيدانىدا كۆرەك قىلىۋاتقان خادىملار ۋەكىللەرگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ھەر بىر ھالقا، ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلارنىمۇ ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. كۆرەك ئاخىرلاشقاندا ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالمىشىش ئىشخانىسى خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ، لوتۇيى بازارلىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ماتېرىياللىرىنى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب قىلىپ تۈزۈپ تارقىتىپ، نۆۋەت ئالمىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا دەرىجىلىك تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆرەككە قاتناشقان نۆۋەت ئالمىشىشتىكى تايانچ كادىرلار بىردەك: لوتۇيى بازىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىقى تولۇق، رەھبەرلىكى كۈچلۈك، تەرتىپى ئۆلچەملىك، ئىستىلى دۇرۇس، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە، دەپ قارىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر