- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
2016.02.29 14:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-سانلىق يىغىنى 28-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش بولدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى قارالمىلىرى لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش خىزمەت قائىدىسى سىناق لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر