- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىندى
2016.03.02 13:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران 29-فېۋرال كەچتە پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى بىلەن كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ كۈچى نۆۋەتتە تەڭلىشىپ قالدى. بۇ، ئىران پارلامېنت ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇندىن ئىلگىرى، كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھى 2004- يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە پارلامېنتتا يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن.
نۆۋەتتە پارلامېنت سايلىمى تېخى ئاخىرلاشمىدى، 60 دىن كۆپرەك ئورۇندىكى نامزات تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 2- قېتىم ئاۋاز بېرىلىدۇ، ئاخىرقى نەتىجە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر