باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2016.03.02 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 666-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي قانۇن نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)، «قارار» ئېلان قىلغاندىن كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تەڭشىدى، باھا ئىسلاھاتى ۋە ئومۇميۈزلۈك خىراجەت تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى تەرتىپكە سالدى، 66 مەمۇرىي قانۇن-نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە بېرىش جەھەتتە، 29 مەمۇرىي قانۇن-نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلارنى تىزىملاش، كەسپىي سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى ئىجازەتنامىسى، سالاھىيىتىنى بېكىتىپ تەستىقلاشقا ئالاقىدار 45 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ 18 مەمۇرىي قانۇن-نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆلچەم تەكشۈرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەستىقلاش قاتارلىق 29 تەستىق تۈرىنىڭ تەستىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر