باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2016-يىللىق «جۇڭگو-ئامېرىكا ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.03.02 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق «جۇڭگو-ئامېرىكا ساياھەت يىلى» 29-فېۋرال بېيجىڭدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2016-يىللىق «جۇڭگو-ئامېرىكا ساياھەت يىلى»نى ئورتاق ئۆتكۈزۈش، بۇلتۇر 9-ئايدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغىنىمدا ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم نەتىجە. 2016-يىللىق «جۇڭگو-ئامېرىكا ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن ساياھەت يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىراقتىن كەلگەن ئامېرىكىلىق دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 37 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىككى دۆلەت نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەر، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە مول ئۈنۈملۈك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر