باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى: ئامېرىكا« خەلقئارانىڭ سوتچىسى» بولماسلىقى كېرەك

2016.03.02 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 29-فېۋرال قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى، جۇڭگو ئامېرىكىنى «ئۆزىنى خەلقئارانىڭ سوتچىسى»دەپ ئويلاپ، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىگە ئاتىكارچىلىق قىلىپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى كېڭىشىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ئالى دەرىجىلىك مۇدىرى تات، 26- فېۋرال ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىدە، جۇڭگونىڭ ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ۋەدىسىنى پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا كېسىم چىقىرىش دېلوسىدىكى كېسىم نەتىجىسى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىنغا بىردەك چەكلەش كۈچىگە ئىگە، چۈنكى فىلىپپىن بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان ئەھدىنامىسى»نىڭ ئەزالىرى.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا كېسىم قىلىش دېلوسىغا قاتناشماسلىقى ۋە بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى تولۇق خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسلارغا ئىگە. بۇ مەيدانى ئېنىق ھەم ئىزچىل.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى، ئامېرىكا گەرچە «ئەھدىنامە»گە قاتنىشىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ «ئەھدىنامە»دىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. جۇڭگو ئامېرىكىنى «ئۆزىنى خەلقئارانىڭ سوتچىسى» دەپ چاغلاپ، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىگە ئاتىكارچىلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر