باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 1408 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2016.03.02 14:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 28-فېۋرالدىن باشلاپ G216 لىنىيەسىدىكى رەڭدىكىرىشتىن تاقىرتاغقىچە، كورلىدىن كۇچاغىچە بولغان 1408.96 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش دېگىنىمىز، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ «تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى»تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، چوقۇم ئىككى ياكى ئۈچ يىل ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنىڭ بىر مۇھىم تەرتىپى ھېسابلىنىدىكەن.

  «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇللغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاش مۇساپىسى «11-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 843 كىلومېتىردىن 4316 كىلومېتىرغا كۆپەيگەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ئاساسىي جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇلغان. «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 5500 كىلومېتىرغا يەتكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 4 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 909 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر