باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى فاڭ فىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.02 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاجىكىستان زۇڭتۇڭى رەخمان 29-فېۋرال تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ھەمكارلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى فاڭ فىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

  رەخمان مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يەنىلا كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ساقلىنىپ، رايون دۆلەتلىرىگە تەھدىت يەتكۈزمەكتە. تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. تاجىكىستان، جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  فاڭ فىڭخۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگو، تاجىكىستان بىلەن ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر