باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي سېتىۋالغاندا يەر خېتى بېجى 1% تىن ئاشسا يەنىلا تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ

2016.03.02 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28 - فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوللاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش تەننەرخنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2016-يىلى 1-مارتتىن 30- سېنتەبرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نىمكەش ئۆي ۋە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋالغانلارغا، سودا يەر خېتى بېجى باج نىسبىتى 1% تىن ئاشقان قىسمىغا مالىيە مەبلىغىدىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  سىياسەت بويىچە ياردەم پۇل بېرىش ئوبيېكتى : 2016-يىلى 1-مارتتىن 30- سېنتەبىر مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆي ۋە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋالغان ھەمدە يەر خېتى بېجى قانۇنى بەلگىلىمىسى بويىچە باج تاپشۇرغانلار، يەرلىك باج تارماقلىرى بەرگەن يەر خېتى بېجى باج تاپشۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ئالغانلار . ياردەم پۇلى ئۆلچىمى: يەر خېتى بېجى باج نىسبىتى % 1 تىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا مالىيە مەبلىغىدىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. مەلۇم قىلىش مۇددىتى: 2016-يىلى 5-مارتتىن باشلاپ يەر خېتى بېجى مالىيە ياردەم پۇلى يوللاش كەسپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر