باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋيېتنام كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.01 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-فېۋرال «خەلق سارىيى»دا، ۋيېتنام كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ پىڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى.

  خۇاڭ پىڭجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭغا باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى. رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ئۇزاق مەزگىللىك دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئىگە قوشنا دۆلەت، ھەممىسى كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، نۇرغۇن تۈپ مەنپەئىتى ئوخشايدۇ. ياخشى، مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان ھەمكارلىق ئاساسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز ھەم ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىمىز بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىزچىل مۇھىم يېتەكلەش رولىنى ئويناپ كەلدى. بىز جۇڭگولۇق يولداشلار بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى تارماقلىرى، يەرلىكلىرى، ئەل ئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دېڭىز تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو-ۋيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مەزگىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونىمىز شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ سالىمىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئەھۋاللارنى ئۆز ئارا خەۋەر قىلىشى ۋە تەبرىكلىشى ئىككى پارتىيەنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسى. بۇ قېتىم ۋيېتنام كومپارتىيىسى 12-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى پارتىيەنىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسى داۋاملاشتى ۋە راۋاجلاندى، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر