خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مارت، جۇڭگو دېپلوماتىيە تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتىغا ۋىۋىسكا ئېسىش، قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن ئەزاسى ياڭ جيېچى مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئىنىستىتۇتنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ۋە سۆز قىلدى.
جۇڭگو دېپلوماتىيە تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى دۆلەتنىڭ دېپلوماتىيە-تاشقىي ئىشلار خادىملىرى، خەلقئارا خىزمەتچىلەر زاپاس خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى