باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى تۈزۈلگەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە نەشردىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» تارقىتىلدى

2016.03.02 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29 - فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۆلچەش - سىزىش - جۇغراپىيە ئۇچۇرچىلىق ئىدارىسىدە ئېچىلغان يېڭى تۈزۈلگەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ خەرىتىلەر توپلىمى رەسمىي نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» دا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، جۇغراپىيىلىك ئامىللار قوشۇمچە قىلىنغان، ئاساسلىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ ئايرىمىسى، يەر شەكلى، سۇ سىستېمىسى قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، قاتناش تور قۇرۇلۇشى، ئاھالىلەر نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشى، ساياھەت بايلىقى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ئادەتتىكى خەرىتىلەر توپلىمى. خەرىتىلەر توپلىمى لايىھىلەش سەككىز فورماتلىق، جەمئىي 352 بەت، يېزىق تەخمىنەن 100 مىڭ خەت، 188 يۈزلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇقەددىمىدە سەككىز پارچە رەسىم، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ 29 پارچە رەسىمى، ناھىيەلەرنىڭ 102 پارچە رەسىمى ، شەھەر رايونى خەرىتىسى 101 پارچە، باشقا 24 پارچە رەسىم بار بولۇپ، مۇقەددىمە رەسىم گۇرۇپپىسى ۋە رايونلار خەرىتىسى گۇرۇپپىسى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. مۇقەددىمە رەسىم گۇرۇپپىسىدا ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن، تارىخىي جەريانى، بايلىق ئەھۋالى، قاتناش، ساياھەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. رايونلار خەرىتىسى گۇرۇپپىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق خەرىتىلەر توپلىمىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭغا يېڭى قۇرۇلغان بېيتۈن شەھىرى، باش ئەگىم شەھىرى، قوشئۆگۈز شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرى، قورغاس شەھىرى قاتارلىق بەش ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ شەھەر خەرىتىسى قوشۇلغان.

  يېڭى نۇسخىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال رايون ئەھۋالى، رايون قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئادەتتىكى خەرىتىلەر توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزمۇنى مول، ئۇچۇر مىقدارى زور بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىساد، جۇغراپىيىلىك شارائىت، قاتناش، ئادىمىيەت قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلدى، يېڭى نۇسخىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمى» ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رايونلار ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ پىلانىنى تۈزۈش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى مۇھىم قورالى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ھەر قايسى كەسپىي تارماقلار ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۇللۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىك بولۇپ، ناھايىتى زور ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر