باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 100 ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلىدۇ

2016.03.02 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 6 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باھالاش ۋە قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە،« 13 ـ بەش يىل » مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان 100 ئۈلگىلىك، ئۆزگىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باھالاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئوي - پىكىرى، يېڭى تەدبىرى، ئۈلگىلىك، ئۆزگىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2015-يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بەش تۈركۈمدە جەمئىي 49 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باھالاپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە،« 13 ـ بەش يىل » مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە كۆپ خىللىشىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىندى، مائارىپ ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شارائىت يارىتىپ مول مەزمۇنلۇق تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىققا ئىگە ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلمىي مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر