باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

2016.03.01 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسى «جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، «جوڭگۇ كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامنامىسى»، «پاك دىيانەتلىك بولۇپ ئۆزىنى تىزگىنلەش مىزانى» بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا بىر قېتىملىق سىياسى تەربىيە ئېلىپ باردى.

  دۆلەت باج سىستېمىسىدىكى 15نەپەر ماھىردىن تەشكىللەنگەن مۇسابىقە قاتناشچىلىرى ئىختىيارى جاۋاپ بېرىش، مەجبۇرىي جاۋاپ بېرىش، تالىشىپ جاۋاپ بېرىش، مۇلاھىزە قىلىپ جاۋاپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ، باج ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە ئستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى تىزگىنلەش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش ئېڭى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر ئابلا سەمەت مۇنداق دېدى: مەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم. سىياسى ساپايىممۇ كۆرىنەرلىك ئۆستى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئەركىن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئارقىلىق ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولدى. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئەخلاق ۋە ئىنتىزامنىڭ ئەڭ تۈۋەن سىزىقىنى چۈشەندى. بىز پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا بولغان سىياسى تەربىيەنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر