- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقىنىڭ ۋەكىلللەر ۋە ئەزالاردىن كۈتكەن ئۈمۈدى زور ( سادا)
2016.03.02 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىق خەۋىرى خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ پارتىيەگە ۋە خەلققە بولغان يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىنى، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىشىنى، ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىشىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋەزىپە ئېنىق بولۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلقتىن كەلگەن. ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇنداقچە ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ ئەرز تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشتۇر.
مەسىلە ئېڭى تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشى، بۇرچىنى ئادا قىلىشى، راست گەپ قىلىشى، ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا پارتىيە ۋە دۆلەت خەلق رايىنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلەپ، تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇشتا زور پايدىسى بار.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر