باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى

2016.02.29 14:06   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر پىلانلاشقا ئائىت قانۇن – بەلگىلىمە ۋە يولغا قويۇش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. ئۇل ئەسلىھەلەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئېشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، شەھەر – يېزا تەرەققىياتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، شەھەرلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بەخت يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش جەريانىدا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا: شەھەر پىلانلاشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، كەسكىنلىكى، مەجبۇرلاش كۈچى ۋە ئاشكارىلىقى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، شەھەرلەردىكى ئىمارەتلەردە ھەشەمەتچىلىك، چەت ئەلگە چوقۇنۇش، غەيرىيلىكنى قوغلىشىش قاتارلىق ھادىسىسىلەر پەيدا بولۇپ، ئۆزگىچىلىك يوقىلىپ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا؛ شەھەر قۇرۇلۇشىدا كۆلەم قالايمىقان كېڭىيىپ، تېجەشلىك ۋە كۆجۈملەشتۈرۈش دەرىجىسى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ؛ شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سالمىقى كەمچىل بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، مۇھىت بۇلغىنىش، قاتناش راۋان بولماسلىقتەك ‹‹شەھەر كېسىلى›› ئېغىرلاپ كەتمەكتە.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەرنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئىككى ‹‹100 يىل›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، رېئال، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەرلەرنىڭ ئىلىمىي تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1. يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرى ۋە مەركەزنىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەرلەرنى قانۇن بويىچە پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، ‹‹قولايلىق، ئەرزان، يېشىل، كۆركەم بولۇش››تەك قۇرۇلۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئۆزگىچە قىياپىتىنى كۈچەپ نامايان قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.

  2. ئومۇمىي نىشان. شەھەرلەرنى تەرتىپلىك قۇرۇش، مۇۋاپىق ئېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە زامانىۋى شەھەرلەرنى تىرىشىپ قۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

  3. ئاساسىي پىرىنسىپ. قانۇن ئىدارە قىلىش بىلەن مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئالدىن پىلانلاش بىلەن باشقۇرۇش، قۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ قوغداشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئولتۇراقلىشىشقا، خىزمەت قىلىشقا ماس كېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تۈجۈپىلەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش بىلەن بىخەتەر، قولايلىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

  ئىككىنچى، شەھەر پىلانلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش

  4. شەھەر يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈش. شەھەر يىرىك پىلانى شەھەر تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى ۋە مۇتلەق كونترول قىلىشتەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە تەستىقلاشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ ۋە تەرتىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۈزۈش، جامائەتچىلىك ئىشتىراك قىلىش، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پىلانلاش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پىلانلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ئىدىيەسىنى شەھەر پىلانلاشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شەھەر پىلانلاشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، كەسكىنلىكى ۋە سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر پىلان بىلەن ئاخىرىغىچە ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماس تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئورنىنى رايونلارنى، شەھەر – يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە بېكىتىپ، تەرەققىياتىنى پىلانلاش كېرەك. بوشلۇقنى ئېچىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئېچىش پاسىلىنى بېكىتىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن شەھەر يىرىك پىلانىنى تەڭشەپ، شەھەرنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا چەكلەش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىش كېرەك. ئېشىش مىقدارىنى قەتئىي كونترول قىلىش، زاپاس مىقدارىنى جانلاندۇرۇش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش تەپەككۇرى بويىچە، شەھەرلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي تەڭشەپ، ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك يەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش يېرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ تۈجۈپىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن شەھەرلەر شەھەرنى پىلانلاش، باشقۇرۇشنى زېمىن بايلىقىنى پىلانلاش، باشقۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  5. يىرىك پىلاننى قانۇن بويىچە قەتئىي ئىجرا قىلىش. قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھەر يىرىك پىلانى شەھەرنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، جەزمەن قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرت. يىرىك پىلاننىڭ مەجبۇرلاش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمەن يىرىك پىلانغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەت قەرەللىك ھالدا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشى كېرەك. شەھەرنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە جەزمەن ئەسلىدىكى تەستىقلىغان ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش، يىرىك پىلانغا خالىغانچە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھادىسىسىدىن تۈزۈم جەھەتتىن ساقلىنىش كېرەك. كونترول قىلىنىدىغان تەپسىلىي يىرىك پىلان يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ، كونترول قىلىنىدىغان تەپسىلىي يىرىك پىلان تۈزمىگەن رايونلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. كونترول قىلىنىدىغان تەپسىلىي يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. شەھەر پىلانلاش كومىتېتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتچىلىكنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن چارلاش – ئۆلچەش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى ۋە يېڭى شەھەر رايونلىرىنى تەسىس قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئومۇمەن شەھەر – بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، شەھەرنىڭ ئومۇمي يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن قۇرۇلۇشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەش يىل ئەتراپىدا قۇرۇلۇش رايونىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، شەھەرلەرنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى يارىتىش

  6. شەھەر لايىھەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. شەھەر لايىھەسى شەھەرنىڭ يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش لايىھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى يارىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. شەھەر لايىھەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، شەھەرلەرنى ئومۇمىي تەكشىلىك ۋە ئىستېرېئولۇق بوشلۇق نۇقتىسىدىن لايىھەلەپ، ئىمارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر مەنزىرىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ رايون ئارا ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. يالغۇز ئىمارەتلەرنى لايىھەلەشتە جەزمەن شەكلى، قىياپىتى، ھەجىمى، ئېگىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە شەھەر لايىھەسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. شەھەر لايىھەلەشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تېزىن تۈزۈپ، ئالاقىدار تېخنىكىلىق يېتەكچى پىرىنسىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شەھەر لايىھەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، شەھەر لايىھەلەش قوشۇنى بەرپا قىلىش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  7. قۇرۇلۇش لايىھەلەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ‹‹قولايلىق، ئەرزان، يېشىل، كۆركەم بولۇش››تىن ئىبارەت قۇرۇلۇش فاڭجېنىغا ئاساسەن، ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى شۇنداقلا ئېنېرگىيە، سۇ، يەر، ماتېرىيال تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى گەۋدىلەندۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا قوغلىشىشىتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاممىۋى ئىمارەت ۋە چەكتىن ھالقىغان ئېگىز ئىمارەتلەرنى لايىھەلەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى كېيىنكى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئوچۇق تەرەققىيات ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش لايىھەلەش بازىرىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى ۋە بازاردىن چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە قەتئىي يولغا قويۇش كېرەك. قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتلىرى ۋە ئىنژېنېرلىق ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى قۇرۇلۇش لايىھەلەش كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك. دۇنياۋى نەزەرگە ھەم مىللىي ئىشەنچكە ئىگە ئىنژېنېرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىنېژېنېرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورنىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىمارەتلەرنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، لايىھەلەش ئىدىيەسىنىڭ سىڭىشى ۋە ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  8. تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش. شەھەرلەرنى رېمونت قىلىش ۋە ئورگانىك يېڭىلاشنى تەرتىپىلىك يولغا قويۇپ، كونا شەھەر رايونلىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، بوشلۇق تەرتىپى قالايمىقان بولۇش، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋەيران بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىمارەتلەر، كوچا – رەستىلەر، ئۇپۇق سىزىقى، تۈس ۋە مۇھىتنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. كونا ئىمارەتلەرنى پۇختىلاش، كونا سېخلارنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كونا شەھەر رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش شۇنداقلا ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قەدىمقى يادىكارلىقلار، قەدىمقى ئىمارەتلەر، يېقىنقى زاماندىكى ئىمارەتلەرنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، شەھەر قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. بەش يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت كوچىلىرى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك.

  تۆتىنچى، شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

  9. قۇرۇلۇش سۈپىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. قۇرۇلۇش سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، چارلىغۇچى ئورۇن، لايىھەلىگۈچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى پونكىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئەخلاقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي ھۆددىگەرلىكى تۈزۈمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلۇش بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆددىگەرلىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە قانۇنغا خىلاپ ھۆددىگە بېرىش قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قۇرۇلۇش بازىرىنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلارغا بانكا كېپىل بولۇش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلاردا تېخنىكا خەتىرىنى كونترول قىلىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى قۇرۇلۇش، مېترو قاتارلىقلاردا بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى سۇغۇرتىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  10. قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. قۇرۇلۇشلاردا ئومۇمىي بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇش، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، كۆۋرۈك، توسۇق تام، يانتۇلۇق(سۈنئىي يانتۇ قىر)، تونېل (مېترو)، يەر ئاستى تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئايلىنىش ۋە ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ پۇختىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىگنالى بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، كونترول قىلىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش كېرەك. ئەسلىدىكى قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش، بىزەپ رېمونت قىلىش ۋە پۇختىلاش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەرلەردىكى كونا ئىمارەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مۆھلەت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  11. يېڭىچە قۇرۇلۇش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. قۇراشتۇرما قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ۋە توپا – توزان بىلەن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇراشتۇرما قۇرۇلۇشنى لايىھەلەش، قۇراشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئۈسكۈنە – جابدۇقلارنىڭ ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە جابدۇقلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنى قۇراشتۇرما قۇرۇلۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، نەق مەيداندا قۇراشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك قۇراشتۇرما قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرش بازىسى قۇرۇش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئون يىل ئەتراپىدا تىرىشىش ئارقىلىق، قۇراشتۇرما قۇرۇلۇشنىڭ يېڭىدىن ياسالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ %30ىنى ئىگىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پولات قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن جايلاردا زامانىۋى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  12. قۇرۇلۇشلاردا ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. جايلارنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئاستى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئۆي قاتارلىق يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىمارەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش كېرەك. يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىمارەتلەر ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقاق ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۆلچىمىنى تۈزۈش كېرەك. ئىمارەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئۆلچىمىنى تۈرلەرگە ئايرىپ تۈزۈش كېرەك.

  13. شەھەرلەردە ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىدا خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، پار – ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە تېجەش، يېشىل يورۇتۇش قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پار بېرىش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، پاكىز بولۇش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپەت ئۆلچىمى ۋە باھالاش، نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ مەركەزلىك پار بېرىش سىستېمىسىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئايلىنىشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسىسقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۇرالغۇلارغا پار بېرىشتە ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ ھېسابلاشنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرگە پار بېرىشتە جەزمەن ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ ھېسابلاش، ھازىرقى ئۆيلەرگە پار بېرىشتە ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ ھېسابلاشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، شەھەرلەرنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  14. كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەر – بازارلاردا تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ئاساس قىلىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بازارنى ئاساس قىلىپ ئاھالىنىڭ كۆپ قاتلاملىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. شەھەر – بازارلاردىكى كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى مۇقىملىق ئاساسىدا يولغا قويۇپ، كونا مەھەللىلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، خەتەرلىك ئۆي ۋە يۈرۈشلۈك ئۆيلەردىن باشقا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ھازىرقى شەھەر – بازارلاردىكى كەپە مەھەللە، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەر، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتال بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىسىنى كېڭەيتىپ، كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتىنى شەكىللەندۇرۇپ، ئوچۇق پۇل مۇئامىلە ياردىمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا تۇرالغۇ كاپالەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش، ئىجازەت بېرىش ۋە چېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  15. يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى قۇرۇش. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ھەر خىل تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرلەردىكى يېڭى شەھەر رايونلىرى، سانائەت رايونلىرى، تارماق رايونلار، تەرەققىيات رايونلىرىدا يېڭىدىن يول ياسىغاندا، جەزمەن يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولىنى تەڭ قەدەمدە ياساش، كونا شەھەر رايونىدا مېترو قۇرۇلۇشى، دەريا – ئۆستەڭ چېپىش، يول ياساش، كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە يېتەكچى پىرىنسىپىنى تېزدىن تۈزۈش كېرەك. ئومۇمەن يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى ياسالغان رايونلاردا ھەر خىل تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى يەر ئاستى تۇرۇبا يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك، تۇرۇبا يولىدىن باشقا جايلاردا يېڭىدىن تۇرۇبا لىنىيەسى ياساشقا بولمايدۇ. يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى ھەقلىق ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق ھەق ئېلىش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپىتالنى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى ياساش ۋە ئۇنى ئايلاندۇرۇشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى شەھەرلەر شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ھەر تەرەپلىمە نەزەردە تۇتۇپ، ئالدى بىلەن پىلانلاش، ئاندىن قۇرۇلۇش قىلىش پىرىنسىپى بويىچە يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەم يەر ئاستى بوشلۇقىنى ئالدىن قالدۇرۇشى ۋە كونترول قىلىشى كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇبا يولىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  16. كوچا – رەستىلەرنى تورلاشتۇرۇپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش. كوچا – رەستىلەرنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن ياسىلىدىغان كوچا – رەستىلەرنىڭ كۆلىمىنى قەدەممۇقەدەم ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىلىگەن، قولايلىق، ئۆلچىمى مۇۋاپىق، يانداش ئەسلىھەسى مۇكەممەل، قوشنا – قولۇملار ئىناق كوچا – رەستىلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى مەھەللىلەردە كوچا تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە يېپىق ھالەتتىكى مەھەللە تەسىس قىلىنمايدۇ. مەھەللە ۋە ئىدارە – ئورۇنلارنىڭ قورۇلىرىنى تەدرىجىي ئېچىۋېتىش، مەھەللە يوللىرىنى ئاممىۋىلاشتۇرۇپ، قاتناش يول تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يەرنى تېجەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹تار يول، زىچ يول تورى›› شەھەر يول ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى تىكلەپ، تېز سۈرئەتلىك يول، ئاساسلىق يول، غول يول ۋە تارماق يول ماسلاشقان مۇۋاپىق يول تورى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەر خىل ‹‹تۇيۇق يول››لارنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل يول تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى ۋە قاتناش باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىلمىي، قائىدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ھەر كىۋادرات كىلومېتىر شەھەر رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە يول تورى زىچلىقى سەككىز كىلومېتىرغا، يول كۆلىمى% 15 كە يەتكۈزۈلىدۇ. تاق لىنىيەلىك يول يۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە قاتناشنى تەشكىللەش كېرەك. ۋېلىسىپىت يولى ۋە پىيادىلەر يولى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل يول يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.

  17. ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئاممىۋى قاتناشنىڭ زىممىسىگە ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ قاتناش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش كېرەك. ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس، مېترو قاتارلىق كۆپ خىل ئاممىۋى قاتناشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، 2020 – يىلىغا بارغاندا زىيادە چوڭ ۋە پەقۇلئاددە چوڭ شەھەرلەردە ئاممىۋى قاتناشنىڭ زىممىسىگە ئېلىش نىسىبىتىنى %40تىن، چوڭ شەھەرلەردە %30تىن، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەردە %20تىن كۆپ ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوخشىمىغان يول يۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە شەھەر ئىچى – سىرتىنىڭ قاتنىشىنى راۋان تۇتاشتۇرۇش، قولايلىق ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنىڭ 500 مېتىر ئىچىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بازار رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاممىۋى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  18. جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەھەللە مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەھەللىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاساس قىلىپ، شەھەر، رايون دەرىجىلىك ئەسلىھەلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن يانداش جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھە تورى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، تاللا بازىرى، كۆكتات بازىرى شۇنداقلا مەھەللىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يانداش قۇرۇپ، توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قولايلىق، تېز تۇرمۇش چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. جامائەت كۇتۇپخانىسى، گۈزەل – سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى)، مۇزېي، پەن – تېخنىكا سارىيى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش كېرەك. مەھەللىۋى جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئاھالىگە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەيدان، باغچا، پىيادىلەر يولى قاتارلىق جامائەت پائالىيەت سورۇنى بوشلۇقىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئاھالىنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. كۆكەرتىلگەن يەرلەرنىڭ ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا يېشىللىق بىلەن ئۇچرىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. شەھەرلەردىكى باغچىلار پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاھالىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. جامائەت بوشلۇقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىگىلىۋېلىنغان بولسا، مۆھلەت ئىچىدە بىكار قىلىنىپ قايتۇرۇلۇشى كېرەك. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ دائىملىق نوپۇسنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىن يۆتكىلىپ كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نوپۇسنى تۇرالغۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە كىنىشكا بېجىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە شەھەر – بازار ئاھالىسى بىلەن باراۋەر ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  19. شەھەر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ زەيكەش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تەقىسىملەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەرلەردە زاپاس ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قۇرۇپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەينى چىقىرىۋېتىش، ئوت مۇداپىئەسى، قاتناش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، جىددىي قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى، ھاياتلىق يولى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش – قۇتقۇزۇش ئورنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كىرىزىسنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇسلاشقان، كەسىپلەشكەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈنلۈك، سىستېمىلىق، زامانىۋى شەھەر بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش

  20. ‹‹بۇلۇتسىمان شەھەر›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تەبىئىي تاغ، دەريا – كۆل، سۇلۇق يەر، تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىق، ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بوشلۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹بۇلۇتسىمان شەھەر›› قۇرۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەلكۈن، ھۆل – يېغىن ئاپىتى بېسىمىنى پەسەيتىپ، سۇ مەنبەسىدىن تەكرار پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورۇنلار، مەھەللىلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىدە يامغۇر سۈيىنى يىغىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ قاتتىق ماتېرىيال بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، سۇ سىڭىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان گۈللۈك، سۇ ساقلاش كۆلچىكى، سۇلۇق يەر باغچىسى، سۇ سىڭىدىغان كۆكەرتىش بەلبېغى قاتارلىق يامغۇر سۈيىنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، يامغۇر سۈيىنى تەبىئىي يىغىپ، تەبىئىي سىڭدۈرۈپ، تەبىئىي تازىلاپ، يامغۇر سۈيىنى يىغىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  21. شەھەرلەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تاغ، دەريا، سۇلۇق يەر، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى پىلانلىق ۋە باسقۇچ بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تاشلاندۇق كانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەكرار پايدىلىنىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغانغان جايلارنى تۈزەپ، شەھەرلەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كۆكەرتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كۆكەرتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆكەرتىلگەن جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھىم ئامىلىنى شەھەر رايونىغا باشلاپ كىرىش كېرەك. ئورمانلىق شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، قەدىمكى دەرەخ، داڭلىق گۈل – گىياھ بايلىقىنى قوغداش، يەرلىكتە ئۆسىدىغان دەل – دەرەخلەرنى كېڭەيتىش، چاتقاللىق ۋە چۆپلۈكنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، تەبىئىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆگزىلەرنى كۆكەرتىش، ئىستېرېئولۇق كۆكەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە باغچا كۆلىمى ۋە شەھەر رايونىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا زىيادە سىجىل ئېچىش، زىيادە زىچ قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە قاتتىقلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەرلەرنى تېخىمۇ تەبىئىي، تېخىمۇ ئېكولوگىيەلىك، تېخىمۇ ئۆزگىچە قۇرۇش كېرەك.

  22. يۇندى ۋە ئاتموسفېرانى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەرلەرنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، يانداش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ يۇندىنى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرلەردىكى يۇندىنى تىزگىنلەش، شەھەر ئىچىدىكى يېزىلار، كونا شەھەر رايونلىرى ۋە شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايلاردا يۇندىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش، يىغىشنى كۈچەيتىپ، شەھەر رايونىدا يۇندىنىڭ ھەر تەرەپكە يامرىشى، دەريا – كۆل سىستېمىسىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇش ھادىسىسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە يۇندىنى يىغىپ ئومۇميۈزلۈك بىر تەرەپ قىلىش، سۇ كەمچىل شەھەرلەردە ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %20تىن ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تازىلانغان سۇنى ھاجەتخانىغا ئىشلىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مەينەت سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي ۋە مۇئەييەن كۆلەمدىن ئاشقان يەككە قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلاردا تازىلانغان سۇدىن پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش، كونا ئۆيلەرنى تازىلانغان سۇدىن پايدىلانغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك. يۇندى تازىلاشنى ئاساس قىلغان سۇ شىركەتلىرىنى قۇرۇپ، تازىلانغان سۇنى تەكرار ئىشلىتىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تازىلانغان سۇ تىجارىتىگە مەدەت بېرىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يول تازىلىقى، ئاپتوموبىل يۇيۇش، كۆكەرتىش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىشلىرىدا سۇ ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن تازىلانغان سۇ ئىشلىتىش كېرەك. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلەردىكى سانائەت مەنبەلىك، يۆتكىلىشچان مەنبەلىك بۇلغىنىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىمىنى كۈچەپ ئازايتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى قاتارلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋانى كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. مەدەنىي، تېجەشلىك، يېشىل ئىستېمال ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  23. ئەخلەتنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش. ئەخلەت مۇھىم بايلىق ۋە قېزىلما دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت، مەھەللە، كارخانا ۋە ئاھالە ماسلىشىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تۆكۈش، يىغىش، ھەر تەرەپلىمە تەكرار پايدىلىنىش ئارقىلىق ئەخلەتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاندۇرۇش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئەخلەتنى يىغىپ پايدىلىنىش نىسبىتى %35تىن ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەر تازىلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسىلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەخلەت شەھەرنى ئوراپ تۇرۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. ئەخلەتنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى كارخانىلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىپ توشۇش سىستېمىسىنى ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك. زىيادە ئوراپ قاچىلاشنى چەكلەش ئارقىلىق بىر قېتىملىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىش، كۆكتاتلارنى شەھەرگە تازىلاپ كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەخلەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئازايتىش كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، تاماق قالدۇقلىرىنى ئائىلىلەردە بىر تەرەپ قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىلھام بېرىش مېخانىزمى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاماق قالدۇقلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش ۋە تەكرار پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەش يىل ئۆپچۆرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش

  24. شەھەرلەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ئومۇمىي جەريانىنى قاپلىغان قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشقا دائىر مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشتە تەرتىپنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنىنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  25. شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش دائىرىسى، ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى بېكىتىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت، ئىش تەقىسمات مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماق ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى يولغا قويۇش كېرەك. رايون تەسىس قىلغان شەھەرلەردە شەھەر ياكى رايون دەرىجىلىك قانۇن ئىجراسىنى يولغا قويۇشتا، قانۇن ئىجراسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، قانۇن ئىجراسىنى تەۋەلىكىدە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  26. شەھەرلەرنى تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شەھەر، رايون، كوچا، مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كوچا، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالە ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا شەھەر كۈنى، دۇنيا تۇرالغۇ كۈنى قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  27. شەھەرلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەر باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەقىلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروت تورى، بۇلۇتسىمان ھېسابلاش قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى شەھەر باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنى تۈزەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئايلىنىشى، قاتناش ئىشلىرى، مۇھىت ئاسراش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق شەھەر باشقۇرۇشتىكى رەقەملەشكەن سۇپا قۇرۇلۇشى بىلەن فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئۇنىۋېرسال شەھەر باشقۇرۇشقا دائىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پايدىلىنىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئالاھىدىلىكى روشەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر تۈركۈم شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  28. شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى، شەھەرلەرنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆگىنىش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئەخلاق ساپا ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشنى ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت بىرلەشكەن ئوقۇتۇش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى مەكتەپ ئىستىلى، ئائىلە ئىستىلى ۋە جەمئىيەت ئىستىلى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  توققۇزىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش

  29. تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قەرەللىك مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، شەھەر تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى، شەھەر باشلىقلىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەپ، ئاساسلىق مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  30. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان باش نىشانغا ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ شەھەر تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشى كېرەك. شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت كونكرېت نىشان ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شەھەرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بېكىتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى قەرەللىك مەلۇم قىلىش ھەم شەھەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتا مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىش كېرەك.

  جايلار، تارماقلار مەزكۇر پىكىرنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى، ۋاقىت ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. مەركەز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…