باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون گىل تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.02.29 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 25- فېۋرال جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇباغا يېتىپ بېرىپ، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى. گىل سۆھبەتتە بان كىمونغا، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي سۇدان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش كېلىشىمىنى تامامەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  جەنۇبىي سۇداننىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى جەنۇبىي سۇدا ۋە جەنۇبىي سۇدان خەلقى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم بولغان. بان كىموننىڭ جەنۇبىي سۇدانغا زىيارەتكە كېلىشىدىكى مەقسىتى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بان كېمون مەملىكەتلىك ئىتتىپاق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي سۇداندىكى ئۆكتىچىلەر رەھبىرىنى جۇباغا قايتىشقا قايىل قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر