باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت سۇرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇش يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.02.26 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئوبرائىن 24-فېۋرال مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار سۇرىيە خەلقكە بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتمەكتە، مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەشيالارنى توشۇش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوبرائىن شۇ كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار نەچچە مىليون سۇرىيەلىككە يېمەكلىك، سۇ، داۋالاش ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى ياردەم قىلدى. 17-فېۋرال قۇتقۇزۇش ئەشيا كالونى مۇھاسىرىدە قالغان سۇرىيەدىكى بىر نەچچە كىچىك كەنتكە كىردى، ئەھۋال ئاساسەن ئوڭۇشلۇق بولدى. پىلان بويىچە 28-فېۋرال يەنە بىر قانچە كىچىك كەنتكە ياردەم بېرىش كالونى ئەۋەتىمىز، سۇرىيە ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر