- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چېن فىڭفۇجېن: زېكا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئېغىرلىشىشى مۇمكىن
2016.02.26 13:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجېن 24-فېۋرال بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زېكا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئەھۋالى ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن يەنە ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ تەييارلىقنى ياخشى قىلىشتا. چېن فىڭفۇجېن بىرازىلىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى زۇڭتۇڭ روسىف، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار مىنىستىرلىرى ھەمدە فېدېراتسىيە، ئىشتات، شەھەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە سۆھبەتلەشتى. چېن فىڭفۇجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زېكا ۋىرۇسىنىڭ يەنە نۇرغۇن سىرلىرى بار، جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ھەر بىر ئادەم ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى پاشا چېقىۋېلىش تەھدىتىدىن ساقلىيالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر