باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئوفىتسېرى ئۇقۇشماستىن ئۆلتۈرۈپ قويۇلدى

2016.02.26 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 24-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى يۈز بەرگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ پىچاق بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر زاپاس ئوفىتسېرىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇقۇشماستىن ئولتۇرۇپ قويدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىك پىچاق بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەر ھۇجۇم قىلغۇچىغا ئوق چىقارغاندا ئۇقۇشماستىن ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ زاپاس پولكوۋنىكى گېرماننى يارىلاندۇرۇپ قويدى، گېرمان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى باش ئىدارىسى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي يېرۇسالېمدا ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان 21 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر