باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا قاتناشمىغان تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.02.26 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 25-فېۋرال، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۇرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قاتناشمىغان قوراللىق تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 22- فېۋرال سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 27- فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر سۇرىيە ۋاقتى 26- فېۋرال سائەت نۆلدىن ئىلگىرى، رۇسىيەگە ياكى ئامېرىكىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك، بىراق ئىسلام دۆلىتى، بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە شۆبىسى، قوللاش فرونتى قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر