- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
20 دۆلەت گۇرۇھى پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى
2016.02.26 13:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلق بانكىسى 24-فېۋرال مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 24-فېۋرال شاڭخەيدە ئېچىلدى. بۇ يىغىننى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولغان فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن كورىيە مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئاچتى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تارايغان، دەسمايىنىڭ يۆتكىلىشى، داۋالغۇشى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، دەسمايىنىڭ يۆتكىلىشىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى تەكشۈرۈش ۋە تاقابىل تۇرۇش؛ فوند تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىللىق ئۈلۈش ئىسلاھات لايىھىسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، فوند تەشكىلاتىنىڭ ئۈلۈشى ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 15-قېتىملىق ئۈلۈش ئومۇمىي تەكشۈرۈشىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاش؛ يەر شارى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېتەرلىكلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېمىلىق خەتەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزنى قايتا تەشكىللەشنىڭ تەرتىپى ۋە مۆلچەرلەشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قەرزنىڭ سىجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل سىستېمىسى قاتارلىق قارالمىلارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن يىلدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان كونكرېت نەتىجىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر