باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ماقۇللىغان يېڭى قانۇنىدا مۇساپىلەر سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ چىڭىتتى

2016.02.26 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى 25-فېۋرال ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق يېڭى مۇساپىلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر قاتار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇساپىرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، بىخەتەر رايوندىن كەلگەن ۋە سالاھىيەت ئۇچۇرى قاتارلىق جەھەتلەردە يالغانچىلىق قىلغان مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلىشنى تىزدىن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، گېرمانىيە بىر قانچە ئالاھىدە تىزىملاش مەركىزى تەسىس قىلدى. پۈتكۈل جەريان ئۇچ ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى رەت قىلىنسا دۆلىتىگە بىۋاسىتە قايتۇرۇلىدۇ.

  يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يەنە، گېرمانىيەدە كەسپى جەھەتتە تەربىيەلىنىۋاتقان چەتئەللىكلەر بولسا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرۇپ قىلىش سالاھىيىتىگە چەك قويماي تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەربىيەلىنىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن گېرمانىيەدە ئىككى يىل خىزمەت قىلسا بولىدۇ، كەلگۈسىدە داۋاملىق ئۇقۇش ئۈچۈن تۇرۇپ قىلىشقا توغرا كەلگەنلەر بىر قىسىم ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر