باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەن گاڭ ئامما يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

2016.02.25 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامما يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى ئارقىلىق، بارغانسېرى كۆپ جايلارنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىيو تېخنىكا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئالىي جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە، كەسىپنىڭ ئېھتىياجى، كەسىپ ئورتاق تېخنىكىسىنىڭ ئىنچىكە ساھەلىرىدە ئامما يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ۋەن گاڭ مۇنداق دېدى: ئامما يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، ئىنكۇباتور، كەسىپ باغچىسى ئوتتۇرىسىدا سىجىل، تەرتىپلىك مۇناسىۋەت بار بولۇپ، بىر سىستېما ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە رايون خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ جانلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللەندى. 11 دۆلەتلىك مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە 146 دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى-رايون خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يادرولۇق ۋاسىتىسى ۋە ئاشۇرۇش دەرىجىسىگە ئايلىنىپ، 498 ئامما يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، 603 دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ئىنكۇباتور تېزلەتكۈچى بىلەن بىرلىكتە سىجىل، تەرتىپلىك ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زەنجىرى ۋە ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىليونلىغان ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا جەلپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر