باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شياڭگاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدۇ، 3-ئايدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

2016.02.26 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭ مائارىپ ئىدارىسى 25-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىچكىرىدىكى 84 ئالىي مەكتەپ شياڭگاڭغا ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدۇ، شياڭگاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى ئىمتىھانى نەتىجىسىگە ئاساسەن ياخشىلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ، 1-مارتتىن باشلاپ توردا ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ .1-مارتتىن 20-مارتغىچە تورغا چىقىپ ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ ۋە نەق مەيداندا ئېتىراپ قىلىش ۋاقتىنى ئالدىن بېكىتىش كېرەك، ھەمدە 10-مارتتىن 31-مارتقىچە نەق مەيداندا ئېتىراپ قىلىش كېرەك.ھەر قايسى ئالي مەكتەپلەر تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا توردا قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، 8- ئاينىڭ بېشىدا توردا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ.

  مائارىپ ئىدارىسى، جۇڭگو مائارىپ چەت ئەلدە ئوقۇش ئالماشتۇرۇش( شياڭگاڭ ) مەركىزى ۋە ساۋاقداشلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ تۈزگەن« ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە شياڭگاڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش پىلانى قوللانمىسى» دە پىلانغا قاتناشقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى، پەنلەر بويىچە تاللاش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر