باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى: 38 تىببىي ئۇنىۋېرىستېت بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئاسپرانتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇبۇل قىلىدۇ

2016.02.26 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىسىتىرلىكى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرگۈچىسى سوڭ يى دۆلەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاندا، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت» سىياسىتىنىڭ بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىكى نۆۋەتتە يېزىلاردىكى نىشانلىق تىببىي كەسپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەقسىز تەربىيەلىنىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاپ ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن ھەر يىلى بەش مىڭ نەپەر ئەتراپىدا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپىدىكى ئاسپرانتلارنى قۇبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 38 يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىببىي مەكتەپلەرنىڭ بالىلار بۆلۈمى ئاسپرانتلىرىنى قۇبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلىپ، 2020-يىلغا بارغاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانىنى بىر تۈمەنگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر