باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 360مىڭ مولۇق يېشىل يېمەكلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى

2016.02.26 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئابدۇسالام نىياز، شېن جۈن خەۋىرى) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نۇقتىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش سالمىغىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھازىرغا قەدەر 360مىڭ مو كۆلەمدىكى مەملىكەت بۇيىچە يېشىل يېمەكلىك بۇغداي خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى.

  بۇ ناھىيە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى داۋامىدا، دېھقانلارنى بازا مۇھىتىنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىشقا پائال يېتەكلەپ، تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغدىدى. ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بۇيىچە يېشىل يېمەكلىكنىڭ بۇغداي، شال، قوناق قاتارلىق ئۈچ خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى.مەملىكەت بۇيىچە يېشىل يېمەكلىك بۇغداي خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ناھىيەنىڭ ئۇن بازىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك توشقان دەرياسى ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەركۈنى توننىدىن ئارتۇق ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، تەمىنلەش بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى.

  توشقان دەرياسى ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ئالىم ئاۋۇت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولسا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇرۇننىڭ مۇھىت سۈپىتى يېشىل يېمەكلىكنىڭ ئالاقىدار تېخنىكىلىق تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولغان، يېشىل يېمەكلىك تېخنىكا تەلىپى، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات قائىدىسى ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك سۈپەت كونترول سىستېمىسىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قۇيغان، ھەمدە بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان تېرىقچىلىق رايونى ياكى باقمىچىلىق رايونى كۆرسىتىدۇ. يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئۈنۈمى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىز كىيىنكى قەدەمدە دېھقانلار بىلەن تېرىقچىلىق زاكاز توختامنامىسى ئىمزالاپ، مەھسۇلات مىقدارىنى يەنىمۇ كۆپەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر