باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بەردى

2016.02.26 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى تارقىتىپ، تيەنجىن، شاڭخەي، خەينەن، شېنجېن، خاڭجۇ، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، سۇجۇ، ۋېيخەي ۋە خاربىن يېڭى رايونى، جياڭبېي يېڭى رايونى، ئىككى دەريا يېڭى رايونى، گۈيئەن يېڭى رايونى، شىشيەن يېڭى رايونى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەر(رايون)لەردە مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، گوۋۇيۈەن تەستىقىي جاۋاب بەرگەن كۈندىن باشلىنىدۇ.

  «تەستىقىي جاۋاب»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىدا يەرلىكنىڭ مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسى ساھەسىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلىق تىجارەت مۇھىتىنى زور كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مۇلازىمەت سودا تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىدە، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ بازار سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈش، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ قولايلىق بولۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت سودىسىنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىش ئارىلىقىدا، ئىش ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتە ئىزدىنىپ نۇقتىدا سىناق قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر