باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: 27ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.02.26 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن خاسلىققا ئىگە كىچىك بازار قۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن ياجۈن يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر 27ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى تۈزۈلمەكتە.

  چېن ياجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەر - بازارلارغا سىڭىپ كىرىش سىياسىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەن نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات پىكرى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى، ۋە شەھەر كۆلىمىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئاللىقاچان كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى. جايلار نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر 27ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى تۈزۈلمەكتە.

  چېن ياجۈن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر شەھەر - يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى « ئىككى كەچۈرۈم ، بىر ياردەم » ۋەبىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان جامائەت خىراجىتى نورما مەبلىغىنى يۆتكەش ئەمەلگە ئېشىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك خىراجەت كاپالىتى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى ئاللىقاچان % 90كە يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا«دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى » نى ئۇدا نەچچە يىل يولغا قويۇپ، ھەر يىلى تەربىيەلەنگەن دېھقان ئىشلەمچى 200مىڭ ئادەم ( قېتىم ) گە يەتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر