باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «ساياھەت ھاجەتخانىسى» قۇرۇلۇشىغا 93مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ

2016.02.26 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «ساياھەت ھاجەتخانىسى» ۋەكىللىكىدىكى ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون 93مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «ساياھەت ھاجەتخانىسى»دىن 187نى قۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 167ى قۇرۇلۇپ، 20سى كېڭەيتىلىدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ساياھەت باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەنزىرە رايونى ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۇنىۋېرسال پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇكاپات - تولۇقلىمىسى، پاي ،pppئەندىزىسى بويىچە تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپىتالنى تۈرلۈك ساياھەت داڭلىق قۇرۇلۇش يېتەكلىدى. «ھاجەتخانا» باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بىلەن ساياھەت، سودا ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتى، باشقۇرۇش سۇبيېكتى، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە رايونلار ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېڭىدىن 450 «ساياھەت ھاجەتخانىسى» سېلىنغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىلىك رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر