باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش چوڭ بانكا بىرلىشىپ يانفون بانكىسىدا ھېسابات يۆتكىسە ھەق ئالماسلىقنى يولغا قويدى، ئىسچوت باشقۇرۇشنى ئورتاق كۈچەيتتى

2016.02.26 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى قاتارلىق بەش چوڭ بانكا بىرلىشىپ 25-فېۋرال، يانفون بانكىسى ئارقىلىق چېگرا ئىچىدە خەلق پۇلىدا ھېسابات يۆتكەش، پۇل ئەۋەتىشتە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە 1-ئاپرېلدىن بۇرۇن ساقلانما ئىسچوتنى تۈرگە ئايرىپ پەرقلەندۈرۈشنى تاماملاپ، باشلامچىلىق بىلەن بەش بانكا ئارا مۇئامىلىدار ئۇچۇرىنى دەلىللەشنى يولغا قويۇپ، مۇئامىلىدارنىڭ بانكا ئاتلاپ ھېساب ئېچىشى ۋە ئاز سوممىلىق چىقىم ھېساباتى ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بەش چوڭ بانكا بىرلىشىپ ئىمزالىغان توختامدا كۆرسىتىلىشىچە، سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى قاتارلىق بەش چوڭ بانكا 25-فېۋرالدىن باشلاپ، مۇئامىلىدار يانفون بانكىسى ئارقىلىق چېگرا ئىچىدە خەلق پۇلىدا ھېسابات يۆتكىسە، پۇل ئەۋەتسە رەسمىيەت ھەققى ئالمايدىكەن، مۇئامىلىدار 5000 يۈەندىن تۆۋەن چېگرا ئىچىدە خەلق پۇلى بىلەن تور بانكىسىدا ھېسابات يۆتكىسە، پۇل ئەۋەتسە رەسمىيەت ھەققى ئالمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلىدارنىڭ خىراجەت چىقىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  خەلق بانكىسى بۇلتۇر 25-دېكابىر «شەخسلەرنىڭ بانكا ئىسچوتى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئىسچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، سودا بانكىسىنىڭ ئىسچوت ئۆز نام تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، شەخسلەرنىڭ بانكا راسچوت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ شەخسىي بانكا ھېساباتى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىشىغا قارىتا يېڭى ئۆلچەم چىقاردى. بۇ قېتىمقى توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن، بەش چوڭ بانكا شەخسلەرنىڭ بانكا ئىسچوتىدا ئۆز نامىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇئامىلىدارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھېسابات ئېچىش جەريانىدا شەخسىي مۇئامىلىدارنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، مۇئامىلىدار ئىسچوت ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر