باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت كەسپىدە 10مىڭ ئادەم تەربىيەلەشنى پىلانلىدى

2016.02.26 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت كەسپىدە 10مىڭ ئادەم تەربىيەلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ساياھەت كەسپىدە 10مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش تارىختا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق مەخسۇس تەربىيەلەش پائالىيتى ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يېزا- بازارلارنى ساياھەت ئارقىلىق يۆلەش، مەنزىرە رايون، ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەش جەھەتتىكى مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيەلەش، ھەمدە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەربىيىلەش لايىھىسى ۋە ئۇسۇللارنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ۋە تولۇقلاشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر