باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىختىساسلىقلار پىراكتىكا بازىسى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2016.02.26 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) بۇلتۇردىن بۇيان نىلقا ناھىيەسىدىكى 14كارخانىدا ئىختىساسلىقلار پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇپ، بۇ ناھىيەدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  بۇ ناھىيەنىڭ سۇپتاي يېزىسى تاغ سۇپتاي كەنتىدىكى ئىستۇدېنت مۇقىيىت ئالىمغازى 24-فېۋرال ماڭا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئىلى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسىپنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن 9-ئايدا ناھىيەدىكى قۇرۇلۇش شىركىتىدە پىراكتىكا قىلغانىدىم، شىركەت مىنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىمدىكى ئىپادەمدىن رازى بولغانلىقتىن بۇيىل 2-ئايدىن باشلاپ بۇ شىركەتكە رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال.

  نىلقا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش، كارخانىلار مەبلەغ چىقىرىش، جەمئىيەت قوللاش پىرىنسىپى بويىچە مىس كانى، ھەسەل كاسىنا قىلىش زاۋۇتى، قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق كارخانىدا ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر پىراكتىكا بازىسى قۇردى، شۇنداقلا ناھىيە مالىيەسىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، پىراكتىكانتلارغا تۇرمۇش ۋە قاتناش ياردەم پۇلى بەردى. بەش يىلدىن بۇيان 87ياش مۇشۇ يول بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر