باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇدا «روشەنئاي»ماركىسىدىكى كىيىملەر مودېل سەھنىسىدە ئۆز جۇلاسىنى تاپتى

2016.02.26 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئانارگۈل ھامۇت ،مۇبارەك مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيە روشەنگۈل كىيىم-كېچەك تىككۈچىلىك شىركىتى قۇرۇلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى، شۇنداقلا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر 20دىن ئارتۇق جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ شىركەت ئېسىل -نەپىس رەختلىرىنى ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسلۇبتا ناھايىتى سەنئەتلىك قىلىپ لايىھەلەپ، كەڭ ئامىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، شىركەت دىرېكتورى روشەنگۈل خانىم باشچىلىقىدا لايىھەلىگەن «روشەنئاي » ماركىسىدىكى مىللىي، ئەنئەنىۋى، زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى يارىشىملىق كىيىم -كېچەكلەر يېقىندا ئونسۇ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش »باش تېما قىلىنغان مىللىي كىيىم-كېچەك مودېل مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، «روشەنئاي»ماركىسىدىكى كىيىم -كېچەكلەرنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان11نەپەر مودېل شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، ئىككى نەپەر مودېل ۋىلايەتلىك مودېل مۇسابىقىسىگە تاللاندى، شىركەت دىرېكتورى روشەنگۈل خانىم مۇخبىرغا « مەن پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ سىياسەتلىرىدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ روناق تېپىپ جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيەلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئەمەلىي نەتىجىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز ھەمدە تېخىمۇ نادىر كىيىم -كېچەك لايىھەسى ۋە ئۇسلۇبىمىز بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر