باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ: مائارىپ ئىشلىرىدا نامراتلىقنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىببىي دورا ۋە داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

2015.07.13 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، شىجياجۇاڭ، 12- ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋويۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جياڭ جياكۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يېزا، چەت رايون، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىقلار بىلەن شەھەر- بازارلىشىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خارابىلىكلەر ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ليۇ يەندۇڭ نامرات ناھىيە، يېزا، كەنت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مائارىپ ئىشلىرىدا نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىدا ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامانەت بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق، يېزا كەنتلەرگە يىلتىز تارتقان ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، نىشانلىق ياردەمنى زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىق بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر، يېزا مائارىپ پەرقىنى ئازايتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ كەسپلەر بىلەن جىپسىلىشىپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخنىكا- ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر