باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون جەنۇبىي سۇداننىڭ كىرىزىسنى تۈگىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.07.10 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئىيۇل جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 4 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون 8-ئىيۇل بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇدان رەھەرلىرىنىڭ كىرزىسنى تۈگىتىدىغان سىياسىي يول ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ھەمدە دەرھال ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بانكىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4 يىل ئىلگىرى مەن جۇبادا جەنۇبىي سۇداننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن شاھىت بولدۇم. 4 يىلدىن كېيىن جەنۇبىي سۇدان خەلقى يەنىلا ئازاب-ئوقۇبەت ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. ئۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنىشىۋاتقان ھەرقايسى تەرپەلەرنىڭ سىياسىي چىقىش يولى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەزكۇر دۆلەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بۇ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر