شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئىيۇل تېلېگراممىسى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تاكتىكىسىنى ئەتراپلىق، توغرا ئۆگىنىش، چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى بىلەن مېڭىنى ھەقىقىي قۇراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ بەش مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلىش خىزمىتىگە تەشكىللىدى.
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق بۇ كىتابنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىيات، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تۈزدى، كىتابقا شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2014-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتىقى، سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىق 79 پارچە ئەسەر 18 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلىپ كىرگۈزۈلدى، بۇ كىتابقا يەنە شى جىنپىڭنىڭ 45 سۈرىتى كىرگۈزۈلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى