خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل ئۇفادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدا بىز موسكۋادا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەتلىشىپ، ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، دۇنياغا 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارا ھەققانىيلىقنى قوغداش ساداسىنى تارقاتتۇق. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يىراق شەرقنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتۇق. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، بەزى يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلاردا ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىشىش ساھەسى ۋە بازار بوشلۇقى كەڭ. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى نۇقتىلارنى تېپىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، پۈتكۈل ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ھەمكارلىقى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ئىجتىمائىي ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە يىلى پائالىيىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە خەلق توى