باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى تەسەۋۇرىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى بار

2015.07.10 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ لىدىرى ياكونىن 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا-ئاسىيادىن ھالقىغان تەرەققىيات رايونى تەشەببۇسى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى تەسەۋۇرىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى بار. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى تەسەۋۋۇردا مۇھاكىمە قىلىنغىنى پەقەتلا تۆمۈر يول، تاش يول ۋە ئېنىرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەركىزىي رايونى قۇرۇلىدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تۈرلەرنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  ياكونىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرى بولۇپ، پاخاللىق پەيدا قىلمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرىشىگە پايدىلىق.

  بۇ يىل 5-ئايدا جۇڭگو بىلەن روسىيە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتىتىپاقى قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقى باياناتى»نى ئىمزالىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر