شىنجاڭ 4-نۆۋەتلىك قوش تىل ئېغىز تىلى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە بىر ـ بىرىگە ئامراق، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.» 10-ئىيۇل، ئۆسمۈرلەر قوش تىل گۇرۇپپىسى ماھىرلىرىنىڭ گۆدەكلەرچە جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە ئاۋازىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش مەكتەپ ئالاقە لوڭقىسى» ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل ئائىلە بەرپا قىلايلى» ئاپتونوم رايونلۇق 4-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر قوش تىل ئېغىز تىلى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1 مىليۇن 120 مىڭ 921 نەپەر ئۆسمۈر دەسلەپكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە 3-نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان 700 مىڭ ئادەمدىن كۆپ بولغان؛ كەسكىن مۇسابىقىلەر ئارقىلىق 1235 نەپەر ماھىر ۋىلايەت ئوبلاستلارنىڭ قايتا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، 122 نەپەر ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى