باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1999-يىلىدىن بېرى، 110 مىليوندىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرىز پۇلى بېرىلدى

2015.07.13 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈبو تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت ھەققىدىكى قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى، 1999-يىلىدىن بېرى، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن جەمئىي 120 مىليارد يۈەن تارقىتىلىپ، 110 مىليوندىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. دۇ يۈبو مۇنداق دېدى، يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا « دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ سىياسەتنىڭ نىشانى ئاساسلىقى قەرز ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. بۇ قېتىمقى سىياسەتنى تەڭشەش ئارقىلىق، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى يۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مالىيە تارماقلىرى دەل ۋاقتىدا ئۆسۈم تولۇقلاش ۋە خەتەرنى تولۇقلاش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىك تارماقلىرى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر سەمىمىيەت تەربىيەسى ۋە سەمىمىي بولۇش تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى سىياسەتنى تەڭشەش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى بېجىرىش، قەرز قايتۇرۇش رەسمىيىتى ۋە تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ياردەمگە ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى تارماقلار ئارىسىدىكى ئىش تەقسىماتى ھەققىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، بېجىرىش ئورگانلىرى ۋە خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر