باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ھەمكارلىق ماسلاشتۇرغۇچىلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2015.07.13 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى، جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ چاۋ 9-، 10-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلغان 5-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ دۆلەت ماسلاشتۇرغۇچىلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كاتىبات باشقارمىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەم بوسنىيە-گېرتىسىگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە تاشقى سودا مىنىستىرى شاروۋىچ، ئالبانىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىرولتايا، لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بېدگاۋىچىس قاتارلىق ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىلىرى ھەم ۋەكىللىرى، جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى بىرلىكتە يىغىنغا قاتناشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى سىۋىي قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قىسمەن پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپانىڭ 16 دۆلەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ھەم ۋەكىلى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي بېرىپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىككە نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى، بۇ-ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنداقلا ياۋروپانىڭ تەڭپۇڭ، سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. بىز جۇڭگو بىلەن سىياسەت ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى قوللىدى، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىغا ئورۇنلىشىشتەك جۇغراپىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كونكرېت تۈرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم مۇشۇ ئاساستا يەنىمۇ ياخشى ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر