باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئۇچار يولۋاس ئەترىتى»: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىدەك تارىخنى ئۇنتىماسلىق كېرەك

2015.07.10 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» تارىخي كومىتېتى 7-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىدەك تارىخىي تەشەببۇسىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» تارىخىي كومىتېتى باياناتىدا مۇنۇلارنى تەتكىتلىدى: تارىخنى ئەستە مەھكەم ساقلاش، كىشىلەرگە تەربىيە قىلىش، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاممىسىغا تەربىيە قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇچار يولۋاس تارىخىي كومىتېتى «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش»نى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانى قىلىشنى قارار قىلدى.

  «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن ئاۋياتسىيە ئەترىتى بولۇپ، 1941-يىلى 7-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان تارىخىنى يېزىپ قالدۇرغان ئىدى. ئامېرىكا «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» تارىخىي كومىتېتى 2007-يىلى كالىفورنىيە شىتاتىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەمكارلاشقانلىق تارىخىنى قوغداپ، جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر