باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى(1)

2015.07.10 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.( سۈرەتتە: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپە قىلىپ، بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىنى يەكۈنلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك: بىرىنچى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. تۆتىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى كۈچەيتىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر