باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېڭ گې: ئىككى ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 655 شىركەت شىركەت پاي چېكىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئاكتىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.07.13 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭ گې 10-ئىيۇل قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 9-ئىيۇلغىچە، ئىككى ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 655 شىركەت پاي چېكىنى كۆپەيتىپ سېتىۋېلىش، قايتا سېتىۋېلىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، شىركەت پاي چېكىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئاكتىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېقىندا ئا پايچېكى بازىرىدا پاي چېكىنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. دېڭ گې مۇنداق دېدى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى، كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، پېيى بازارغا سېلىنغان بارلىق شىركەتلەردىن شىركەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، شىركەت پاي چېكىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان كونكېرت لايىھەنى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ۋە چوڭ پايچىكلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، بېيجىڭ ئىگىلىك تىكلەش بۆلۈكىدىكى شىركەتلەر باش مۇدېرلىرى كۇلۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىگىلىك تىكلەش بۆلۈكى تۈرىدىكى تۇنجى تەستىقلانغان 28 شىركەتنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرى، جېجياڭدىكى 24 شىركەتنىڭ باش مۇدېرلىرى قاتارلىق پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىتتىپاقى شۇنداقلا داليەن چىڭداۋ خۇنەن قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلاردىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر كوللىكتىپ ھالدا، پاي چېكىنى كۆپەيتىپ سېتىۋېلىش، قايتا سېتىۋېلىش، قولىدىكى پاي چېكىنى ئازايتماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شىركەتنىڭ پاي باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دېڭ گې، بازار دىققەت قىلىۋاتقان يېڭى پاي تارقىتىش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېدى: يېقىندا يېڭى پاي تارقىتىلمايدۇ، يېڭى پايلارنى تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن يېڭى پايلارنىڭ تارقىتىلىش سانى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى زور مىقداردا ئازايتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر