باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«قەشقەردە روزا ئېيى خۇشاللىق، ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە»

ـــ قەشقەر شەھىرىنىڭ روزا ئېيىدىن خاتىرە

2015.07.13 11:08   مەنبە: خەلق تورى

«قەشقەردە روزا ئېيى خۇشاللىق، ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد) قەشقەرنىڭ سەھىرى قىپقىزىل قۇياش نۇرىنىڭ بۇ ئەزىزانە قەدىمىي شەھەرگە چۈشكەن مېھرى ئاتەش نۇرى بىلەن باشلاندى. 11 – ئىيۇل ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن باشلاپلا قەشقەرنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرى ئادەملەر بىلەن تولۇشقا باشلىدى. موكىدەك ئۆتۈپ تۇرىدىغان توكسېكلىتلار بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىچە بىر مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا نەچچە ئون كىچىك بالىلار فونتان ئەتراپىدا ئويناپ يۈرەتتى. بىرقانچە ساياھەتچى جامە ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ سېھىرلىك كارتىنىلىرىنى قالدۇرۇۋاتاتتى.مەيداندا 50 دىن ئارتۇق ئاق كەپتەر دانلاپ بۇ شەھەرگە تېخىمۇ ئاسايىشلىق، ئىناقلىق بېغىشلاپ تۇراتتى.

  ئەتىگەن سائەت 9:00دا قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 نەپەر دىنىي زات جامەنىڭ خانىقاسىدا جەم بولۇپ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىگە چاپلىغان بەتناملىرىغا غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.

  ـــ بىز ھەركۈنى مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتىمىز، ھېچكىم بىزگە توسقۇنلۇق قىلمىدى ۋە ياكى روزا تۇتۇشىمىزنى چەكلىگىنى يوق. دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كاپالىتى ئاستىدا بەش پەرىزىمىز كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار. شۇڭا روزا تۇتۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. لېكىن بىر قىسىم يامان غەرەزدىكى كىشىلەر بۆھتان چاپلاش، بۇرمىلاش، پىتنە – ئېغۋا تارقىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نارازىلىق قوزغاۋاتىدۇ. ئۇلار بەك رەزىل كىشىلەر ئىكەن،- دېدى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇقادىر ساۋۇت.

  ـــ قەشقەردە روزا ئېيى خۇشاللىق، ئىناقلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە. بۇرۇن تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن روزا ئېيى باشلانغاندا تۈزۈكرەك نەرسىمۇ يىيەلمەيتتۇق، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى. بىر كۈن روزا تۇتقاندا ئىپتىھادا ياكى زوھۇرلۇقتا تويۇنۇپ يىيەلەيدىغان بولدۇق. مانا بۇلار ھەقىقەتتۇر،- دېدى قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى رېدەتۈۋى مەسچىتىنىڭ خاتىپى زۇنۇن ئەلى.

  سۆھبەت جەريانىدا دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا كونا شەھەر رايونى ، مەسچىتلەرنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى لېكىن خەلقئاردىكى ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغانلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆرەلمەي ئۈزلۈكسىز تۈردە يامان غەرەزدە پىتنە – ئېغۋا تارقاتقانلىقى ھەققىدە ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، پىتنە – ئېغۋا تارقاتقانلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

  ئاپتاپ ئۆرلەپ گەز باغلىغاندا قەشقەر ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مەيدانىدا ھەرمىللەتتىن بولغان 10 نەچچە ياش ۋاسكېتبول ئويناۋاتاتتى. مەيدان سەھنىسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!» دېگەن قېپقىزىل خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە تاكسىچى ئالىمجان مۇھەممەد ئاكىنىڭ تاكسىسىغا ئولتۇرۇپ ئارىيا كوچىسىغا قاراپ يول ئالدىم. ئالىمجان مۇھەممەد ئاكا قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرىدىن بولۇپ، بۇ يىل روزا ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئۇ بىركۈننىمۇ قازا قىلماي روزا تۇتۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

  ـــ بۇ يىل 54 ياشقا كىردىم، تاكسى ھەيدىگىلى ئون يىلچە بولۇپ قالدى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلى روزا تۇتۇپ كېلىۋاتىمەن. بۈگۈنمۇ سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدا زوھۇرلۇقنى يەپ بولۇپ نامىزىمنى ئوقۇدىم، سائەت يەتتىلەردە تاكسىرىمنى ھەيدەپ سىرتقا چىقتىم، چۈش سائەت 1:00دە ئۆيگە قايتىپ ئازراق ئۇخلىۋالدىم، چۈشتىن كېيىندىن ھازىرغىچە 10 خېرىدارنى جايىغا يەتكۈزۈپ بولدۇم،- دېدى ئالىمجان ئاكا،- ھېلى سائەت يەتتىلەردە ئۆيگە قايتىمەن.ئايالىم ئۆيدە ئىپتىھالىق تەييارلاۋاتىدۇ. ھېيتمۇ كېلىپ قېلىۋاتىدۇ، ئايالىم تەييارلىق قىلىپ ئۆينىڭ پەردىلىرىنى ئالماشتۇردى، ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلىدى. ئەتە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ چىقىپ ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بېرەي دەيمەن.

  كەچ سائەت ئالتىلەردە قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئارىيا يولىدىكى ئارىيا مەسچىتى ئالدىدا ئوننەچچەيلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

  ـــ ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قاپتۇ، نامازغا كىرەيلى،- دېدى ئىشىك ئالدىدا تاۋۇز سېتىۋاتقان ئابدۇكېرىم ھېيت ئاكا ياندىكى بىرقانچەيلەنگە.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ مەسچىتكە كىرىشىپ كەتتى. بىرەيلەن كېلىپ تاۋۇز ئالاي دەپ كېلىۋېدى ئېگىسى يوقلۇقىنى كۆرۈپ قايتاي دېيىشىگە مەسچىت يېنىدىكى مەمەت تۇرسۇن پاياتلاش دۇكىنىدىكى بىرەيلەن چىقىپ خېرىدارغا تاۋۇزنى سېتىپ قويدى ۋە پۇلنى گىرنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قويدى.

  سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا مېڭىپ ئارىيا يولى بىلەن چاسا يولىنىڭ كېسىشكەن ئېغىزىغا كەلدىم. يول بويىدا ھارۋىدا ئىپتىھالىق يىمەكلىك سېتىۋاتقان ھەسەنجان ھاشىمنىڭ بازىرى چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئون نەچچە مىنۇتتىلا نۇرغۇن خېرىدارغا ھەرخىل سۇغۇق سەيلەرنى سېتىپ ئۈلگۈردى.

  ـــ مەن ئاۋۇ نېرىدىكى راڭپىزا دۇكىنى ئاچاتتىم، روزا ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئۆزۈم روزا تۇتالمىساممۇ ئىپتىھاغا يېقىن راڭپىزا ۋە باشقا ھەرخىل سەيلەرنى ھارۋىدا ئاچىقىپ سېتىۋاتىمەن، كۈندىلىك سېتىش سوممام 300 يۈەنگە بارىدۇ. ئالىدىغانلارمۇ ئاساسەن مۇشۇ مەھەللىدىكى قولۇم – قوشنىلار،- دېدى ھەسەنجان ھاشىم.

  كونا شەھەر رايونىنى ئايلىنىپ ھېيتگاھ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يول بويىدا نۇرغۇن دۇكانلاردا، يايمىلاردا كىشىلەر ئىپتالىق يىمەكلىكلەرنى كوچىغا ئېلىپ چىقىپ سېتىۋاتاتتى، ياكى ئىپتھالىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ھەقسىز تاۋۇزنى تىلىشقا تەرەددت قىلىۋاتاتتى.

  مېڭىپ ھېيتكاھنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ماڭا ئىككى چەتئەللىك ساياھەتچى يولۇقتى. سالاملاشقاندىن كېيىن فىرانسىيەدىن كەلگەن بۇ برانكا ئەر – خوتۇن ساياھەتچى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ قەشقەرگە كەلگىنى ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى، گەرچە تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماكاندىكى ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست خەلقنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى، گەرچە ھازىر روزا ئېيى بولسىمۇ لېكىن ھېچقانداق قولايسىزلىققا ئۇچرىمىغانلىقى، كېيىن يەنە بۇ سېھىرلىك زىمىنغا قايتا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

  ـــ كەلسىلە مېھمان، كەلسىلە، تاۋۇز يەيسىز تەمى شېرىن...

  ـــ قوغۇن ئەرزان بولۇپ كەتتى، دانىسى ئۈچ كوي، دانىسى ئۈچ كوي...

  ـــ كەلسىلە خېرىدار، تاللايسىز، خىللايسىز، 10 كويغا 10، بەش كويغا تۆت، ما ئەنجۈر جەننەتنىڭ مېۋىسى جۇما....

  كەچ سائەت يەتتىدىن باشلاپ ھېيتگاھ ئالدىدىكى كەچلىك بازار ئادەم قاينىمىغا ئايلاندى. تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان خېرىدار چاقىرىۋاتقان، مال سېتىۋاتقانلارنىڭ ھەرخىل ئاۋازى بۇ شەھەرنىڭ تېخىمۇ قايناق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. بازاردىكى ھەرخىل نىممەتلەر، يىمەكلىكلەر ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيتتى.

  بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئەكبەر ئوبۇلقاسىم كەچلىك بازارنىڭ بېشىدىكىلا بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئونغا يېقىن خېرىدار ئۇنىڭ ئىككى جوزىلىق ئورنىدا قېرىن ۋە باشقا قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى پىشۇرۇپ سېتىۋاتاتتى.

  ـــ روزا ئېيى كىرگەندىن كېيىن بازىرىم ياخشى بولۇپ كەتتى، كۈنىدە ياخشى بولسا 1 مىڭ 500 يۈەنلىك سودا بولىدۇ، ئادەتتە 800 يۈەنلىك سودا قىلىمەن،- دېدى ئەكبەر ئوبۇلقاسىم،- مەن بۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقىنى بەش يىل بولدى، بۇ يىللىق روزا مەزگىلىدىكى سودام ئەڭ ياخشى بولىۋاتىدۇ.

  كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كەچلىك بازار يېنىدىكى خانتەڭرى تېز تاماقخانىسىدا كىشىلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. ئاشخانا ئىچىدە بىرمۇ ئورۇن بوش ئەمەس ئىدى. ئىپتا قىلىدىغانلارغا ئاسانلىق ئۈچۈن ھەر بىر جوزىغا بىر پىيالىدىن سۇ، نان ۋە تاۋۇز پىچىپ قويۇپ قويۇلغانىدى.

  كۆزۈم ئىچكىرىدىكى ھەرخىل مىۋە – چىۋە، قېتىق ۋە ھەرخىل مىۋە سۈيىلىرى تىزىپ قويۇلغان بىر ئۇزۇن ئۈستەلدىكى ئوننەچەيلەنگە چۈشتى، بۇ يەردە بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن مۇھەممەت ئەسەت ئاكا دوست بۇرادەرلىرىگە ئىپتالىق چاي بەرگەن بولۇپ، روزا ئېيى كىرىشى بىلەن ئۇ نۇرغۇن دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئىپتالىق چېيىغا قاتناشقانىدى.

  ـــ ھەر يىلى روزى ئېيىدا دوست بۇرادەرلەر ئىپتالىققا چاقىرىشىپ ئۇچرىشىپ سىردىشىمىز، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇش ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭغا چۈشىمىز. ئارىمىزدا روزا تۇتقانلارمۇ بار، تۇتمىغانلارمۇ بار،- دېدى مۇھەممەت ئەسەت ئاكا دوست بۇرادەرلىرىگە ئۈستەلدىكى پولۇ، كاۋاپ، لەغمەنلەرگە بېقىشقا تەكلىپ قىلغاچ،- ئالدىنقى كۈنى ئۇرۇق – تۇققانلارنى چاقىرغانتىم، بۈگۈن دوست بۇرادەرلىرىمنى چاقىرىۋالدىم.

  كەچ سائەت 10 لاردا ھەممە يەردە يېقىلغان چىراق نۇرى قەشقەرگە باشقىچە بىر تۈس بەرگەنىدى. سەلكىن شامالدا تۈمەنكۆلنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە جۆر بولۇپ كۆل بويىدىكى مەجنۇنتاللار لەرزان كۈيلەرگە چۈشكەنىدى. كۆل بويىدا جۈپ – جۈپ ياشلار قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمگەن بولسا، كۆل بويىدىكى «دەريا ساھىلى 88» ئارامگاھىدا بىرقانچە ياشلار بىليارت ئويناۋاتاتتى. ئون نەچچە جوزىدا چەتئەللىكلەر، ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر ۋە قەشقەر ياشلىرى سوغۇق ئىچىملىكلەر بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ، بۇ شەھەرنىڭ جەزبىدارلىقىغا يېڭى تۈس قوشقانىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى