باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبە، تارىخىي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممە بىر نىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.07.09 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

  خەلق گېزىتى تورى، بېيجىڭ، 7-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئومۇمىي خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى پەيتىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان «ئۇلۇغ غەلىبە، تارىخىي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قان ۋە جان بەدىلىگە پۈتۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ تارىخىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغۋار تۆھپىسىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى تەۋرەنمەي قوغداپ، ھەممە بىر نىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر