باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىركەتلەرنىڭ چوڭ پايچېكلىرى يېقىندا ئۆز شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى كۆپلەپ سېتىۋالغان ياكى كۆپلەپ سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان

2015.07.13 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شىنجىن ئاكسىيە بېرژىسىدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بەلگىلىك ساندىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ چوڭ پايچېكلىرى، مۇدېرىيەت ئەزالىرى، نازارەتچىلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى يېقىندا ئۆز شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى كۆپلەپ سېتىۋالغان ياكى كۆپلەپ سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى، بۇ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ چوڭ پايچىكلىرى، مۇدىرىيەت ئەزالىرى، نازارەتچىلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  جىنفا پەن تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدېرى يۈەن جىمىن مۇنداق دېدى، ئەگەر پاي باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ، شىركەتنىڭ قىممىتى تۆۋەن مۆلچەرلەنسە، شىركەتنىڭ كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا پايدىسىز، پاي چېكىنى كۆپلەپ تۇتۇپ تۇرۇش پىلانى پايچىكلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، شىركەتنىڭ ئوتتۇرا كىچىك پايچىكلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  گوشىن ئاكسىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جياڭ بىشىن مۇنداق دېدى، نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي باھاسى سەل تۆۋەنلىسە، بۇ ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى كىرگۈزۈش، كارخانىنىڭ ئاكسىيەلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىزمەتچى خادىملارغا پاي ھوقۇقى بۆلۈپ بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا ماس كېلىدۇ. نەتىجىسى ياخشى بولمىغان شىركەتلەرگە نىسبەتەن، بۇ چوڭ پايچىكلەرنىڭ قوشۇۋېلىش ۋە قايتا تەشكىللىشىدىكى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر